发表于: 2012-8-30 22:54:25
|
显示全部楼层
|
تەئالانىڭ ئاخىرقى كىتابى بولۇپ، نازىل قىلىنغاندىن باشلاپ تا قىيامەت قايىم بولغۇچە پۈتكۈل ئىنسانلارغا خىتاب قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەر زامان، ھەر ماكانغا شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۇ، ھىدايەت رەھبىرى، سائادەت بۇلىقى ۋە ئادالەت دەستۇرىدۇر. «ئۇ، ھەقىقەتەن غالىب، ھېچبىر تەرىپىدىن باتىل ئارىلاشمىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان بىر كىتابتۇر. ئۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە ھەر ئىشىنى ياخشى قىلىدىغان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان» (فۇسسىلەت 41/41- ۋە 42- ئايەتلەر). «ئۇ، ناھايىتى كەسكىن بىر سۆزدۇر. ئۇ، ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر» (تارىق 86/13، 14). ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلار دۇنيادا بەخت ۋە ھۆرلۈككە ، ئاخىرەتتە ئىززەت ۋە جەننەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار بولسا، دۇنيادا بەختسىزلىك ۋە خورلۇققا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.
1- قۇرئان كەرىم بۇيرۇغان ئىبادەتلەر
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى بىر كېچە-كۈندۈزدە مەخسۇس شەرتلەر ئاستىدا، مۇئەييەن سۈپەتلەر بىلەن بەش ۋاقىت ناماز، ھەپتىدە بىر جۈمە نامىزى، يىلدا ئىككى ھېيت نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك ئۆلگەن |
|
罗源湾之窗微信公共平台号:luoyuannews ,请点击手机屏幕右上角的按钮,分享到您的朋友圈或者发送给您的朋友!
获取更多资讯:【朋友们→添加朋友→搜号码→输入“luoyuannews”→关注】